ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى توني بلەيېر ئىراقنى زىيارەت قىلدى

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى توني بلەيېر پەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى باسرا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ شەھەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

توني بلېيېر باسرادا، ئامېرىكا - ئەنگىلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خادىملىرى شۇنىڭدەك ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن ئۇچراشقان، توني بلەيېر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك گېنېرالى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

توني بلەيېرنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلەيېرنىڭ ئىراقتا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى ، سايلامدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيەتكە باھا بېرىش ھەمدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ توني بلەيېرنىڭ 2003 ‏- يىلى ئىراقتا ئۇرۇش پارتلاپ ، ھازىرغا قەدەر 4 ‏- قېتىم ئىراقنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامېسفېلدمۇ ئىراقنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشاشلا ھەربىي قوماندانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن، رامېسفېلد ئافغانىستاندىن باغدادقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاق ساراينىڭ ئىراقتا قوشۇن قىسقارتىش پىلانى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈش مەقسىتىدە ئىراققا كەلگەن. (ئەقىدە)