ئىراق پايتەختى باغداتتىكى بىر ھەربىي بازا تۈرمىسىدە چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 8 كىشى قازا قىلدى.
بۇ ھەربىي بازا تۈرمىسى باغداتنىڭ شىمالىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان. چارشەنبە كۈنى بۇ تۈرمىدىكى بىر مەھبۇس، ئەسكەرنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋالغان ھەمدە ئەتراپتىكىلەرگە قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەرمۇ بار ئىكەن.
كېيىن تۈرمە ئەسكەرلىرى بۇ مەھبۇسنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى قايتا قولغا ئالغان. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئىراقتىكى تۈرمە شارائىتى كۆپ قېتىم تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى. شۇنداقلا ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تۈرمىلەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالىمۇ كۆپ كۆرۈلدى.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 3 كۈن بۇرۇن، ئىراق دائىرىلىرى تۈرمە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ مەھبۇسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغىچە، مەھبۇسلارنى ئىراق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)