ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا

ئىراق دائىرىلىرى 29 ‏- دېكابىر كۈنى، باغدات شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 4 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 4 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ نارازىلىقلارنىڭ سايلام نەتىجىسىگە رازى بولماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراق سايلام كومىتېتىغا ئەۋەتكەن مەسلىھەتچى خادىمى، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە سايلام جەريانىدا ئاز تولا نۇقسانلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قايتا سايلام ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوڭ بىر سەۋەب بولالمايدىكەن.

ئىراقتىكى سۈننى ئەرەبلەر بىلەن شىئەلەر سايلام جەريانىدا ساختىپەزلىكلەر يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە شىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى، بىراق ئىراقنىڭ بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدىكى خەلق سايلام نەتىجىسى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)