ئىراقتا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاشتا 80 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش كەربالادىكى شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىمام ھۆسەيىن ۋە ئىمام ئابباس نامىدىكى ئىككى مەسچىتى ئوتتۇرىسىدىكى كوچىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا 50 ئادەم قازا قىلغان.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدىن مەيدانغا كەلگەن، پارتلاش يۈز بەرگەندە كۆپلىگەن كىشىلەر تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە قاراپ يول ئالغان ئىكەن.
بۇ ئارىدا، ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رامادى شەھىرىنىڭ مەركىزىدىمۇ پارتلاش يۈز بېرىپ، 30 ئادەم ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
ئىراق پارلامېنتىنىڭ سايلام نەتىجىسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ئىراقتىكى شىيە، سۇننىي ۋە كۈرد پارتىيىلىرى نۆۋەتتە ئۆز - ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. (ئەقىدە)
