ئامېرىكىنىڭ بىر تىك ئۇچۇر ئايروپىلانى ۋەيران بولدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تەل-ئافار رايونى ئەتراپىدا ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 12 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمىنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، 12 سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى ھۇجۇملىرى جەريانىدا بەش نەپەر ئامېرىكا دېڭىز پىيادە قىسىمىنىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن. بۇ بىر قېتىملىق چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان 2000 دىن ئارتۇق ئامېرىكا جەڭچى-ئوفىتسېرى ئۆلگەن ۋە زور ساندىكىسى يارىلانغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)