ئىراقتىكى پارلامېنت سايلىمىدا شىئەلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللىدى

بۇنىڭدىن 5 ھەپتە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىراق پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. سايلام نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراق پارلامېنتىكى 275 ئورۇننىڭ 128 ىنى شىئەلەر ئىگىلەپ، ئىراق پارلامېنتىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇھ بولۇپ قالغان، ئەمما ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە يىتەرلىك ساننى قولغا كەلتۈرەلمىگەن. كوردلارنىڭ كوردىستان ئىتتىپاقى پارلامېنتتىكى 53 ئورۇننى ئىگىلىدى. سۈننىيلەر 55 ئورۇننى ئىگىلەپ، پارلامېنتتىكى 2 - چوڭ گۇرۇھ بولۇپ قالدى. سايلامغا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ھېچبىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە يىتەرلىك ئورۇننى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن، تەرەپلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش يولىغا مېڭىشى مۈمكىن.

بەزى سۈننىي ئەرباپلار بىلەت تاشلاش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سايلامنىڭ ئادىل ياكى ئادالەتسىزلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر نېمە دېمىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بولسا سايلام ئاساسى جەھەتتىن ئادىل ئېلىپ بېرىلدى، دەپ قارىماقتا.

خەلقئارا جەمئىيەت ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەقىياتىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە. سايلامدا شىئەلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ چىقىشى كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى مەسىلە ئىدى. ئەمما كوردلارنىڭ شىئەلەردىن كېيىن 2 - ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق سۈننىي پارتىيىلەر 2 - ئورۇننى ئىگىلىدى. ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ سايلامدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئىراقنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۈمكىن.(ئەركىن)