ئامېرىكا ئارمىيىسى 5 نەپەر ئىراقلىق ئايال تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكىدىكى "خرىستىئان سايېنس مونىتور" گېزىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق بىر ئايال مۇخبىرى ‏7- يانۋار كۈنى گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن قوراللىق كىشىلەر، ئەگەر ئىراق تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان پۈتۈن ئايال تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلمىسە، ئامېرىكىلىق بۇ مۇخبىرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

‏ 26 ‏- يانۋار كۈنى ئىراقتىكى ئامېرىكا تۈرمە باشقۇرۇش قوماندانلىقىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك رۇدىسىل، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى قولغان ئېلىنغان 419 نەپەر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش ئايال تۇتقۇننىڭمۇ بارلىقىنى جاكارلاپ "ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ، ئامېرىكىلىق مۇخبىرنى گۆرۈگە ئالغان كىشىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق" دەپ تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئارمىيىسى 9 ئىراقلىق ئايالنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، 26 ‏- يانۋار كۈنى يەنە ئىككى ئىراقلىق ئايالنىڭ ئۈچ ئەر بىلەن بىرلىكتە موسۇل شەھىرىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئىراقتا قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26 ‏- يانۋار كۈنى باغدادتا، ئىراق تىجارەت مىنىستىرى ئالنەجەفىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان سۈيقەست ھەرىكىتىدە مىنىستىرنىڭ ئۈچ قوغدىغۇچىسى ئۆلگەن ھەمدە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان كەركۈك شەھىرىدە ئىككى ھۆكۈمەت خادىمى قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەقىدە)