ئىراق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بىر ئىراقلىق 14 ياشتىكى كۇرد قىز قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. بۇ ئىراقتا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن تۇنجى بىمار ھېسابلىنىدۇ.
ئىراق سەھىيە خادىمى، ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىئوردانىيىدىكى تەجرىبىخانىسى بۇ قىزنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى قۇش زۇكىمى ئەمەس دەپ يەكۈن چىقارغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ قىزدا ھەقىقەتەن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قىزنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مىسىردىكى تەجرىبىخانىسى ئېنىقلىغان.
قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن بۇ قىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يەر بىلەن چېگرىلىشىدىغان تۈركىيىدە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان 4 كىشى قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە)