ئىراق پرېزىدېنتى تالابانى 23 - فېۋرال كۈنى، ئىراقتىكى سۈننىي ۋە شىيەلەر ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان توقۇنۇشلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
چارشەنبە كۈنى سەمەرە شەھىرىدە شىيە مۇسۇلمانلىرى مۇقەددەس ماكان دەپ بىلگەن ئەسقەرىيە مەسچىتى پارتلىتىلىپ، ئاز دېگەندە 130 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى.
بۇ سەۋەبتىن شىيە مۇسۇلمانلىرى، سۈننىي مەسچىتلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراقنى ئىچكىي ئۇرۇش گىرداۋىغا يېقىنلاشتۇردى.
پرېزىدېنت تالابانى، بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: "ئەگەر ئىراقتا ئىچكىي ئۇرۇش پارتلىسا، ھېچكىم خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ" دېدى.
ئىراقتا قانلىق ۋەقەلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇش داۋامىدا يەنە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا 47 نەپەر ئىشچى ئۆلگەن ۋە سۇننىي مەسچىتلىرى 160 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.(ئەقىدە)
