ئىراقتا ھەر قايسى تەرەپلەر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا

جۈمە كۈنى ئىراقتىكى شىئە ۋە سۈننىيلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئىراقتا بىر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى دىنىي گۇرۇپپىنىڭ مۇخلىسلىرىنى سەۋرچان بولۇشقا ۋە بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىققا چاقىردى.

شىئە ۋە سۈننىي رەھبەرلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىراقنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا شىئەلەر ۋە سۈننىيلەر جۈمە نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان.

ئىراق شىئەلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ئىراق ئىسلام ئىنقىلابى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇل ئەزىز ئەلھەكىم، باغدادتا بەرگەن باياناتىدا، سەمەرەدىكى پارتلاشنى ئېلىپ بارغانلار ئىراقتىكى سۈننىيلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ دەپ تەكىتلەپ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتكى رەئىسى ئەلزەرقاۋىنىڭ مۇرىتلىرىنى مەزكۇر پارتلاشنىڭ مەسئۇلى قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئىراق خەلقىنى ئىراقنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەسلىككە چاقىردى.

ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ سۈننىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى جافەر ئەلئەنى بولسا، ئەلھەكىمنىڭ باياناتىنى، يارىلارنى داۋالاش يولىدا تاشلانغان بىر قەدەم دەپ ماختىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇملارنىڭ ئازىيىشىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالغان تەدبىرلىرى مۇھىم رول ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ سەمەرە شەھىرىدىكى شىئەلەر ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ بىلىنگەن ئەلئەسقەرىيە جامەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، شىئەلەر تەرىپىدىن ئىراقتىكى سۈننىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ بىر قەدەر ئازىيىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ھۇجۇم، توقۇنۇشلار جەريانىدا ھازىرغىچە كۆپىنچىسى سۈننىيلەردىن تەشكىل تاپقان 200 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن.

ھۆكۈمەت پايتەخت باغداد ۋە باغدادقا قوشنا ئۈچ ئۆلكىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، باغداد شەھىرىگە كىرىش ۋە چىقىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن ھەمدە ۋەزىيەت جىددىي بولغان رايونلارغا قوشۇمچە ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئىراقتا شىئەلەرنىڭ سۈننىيلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى بىر قەدەر ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراقتا جىددىي بىر ئىچكى ئۇرۇش خەتىرى تېخىلا مەۋجۇت. (قانات)