ئىراقتا قانلىق ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتىدۇ. 27- مارت كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىي رايوندىكى بىر ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيە بازىسى يېقىنىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 40 كىشى ئۆلدى.
ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ تارىخىي شەھىرى بولغان تەل ئافار شەھىرى يېقىنىدىكى بىر ھەربىي بازا ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئامېرىكا قىسىملىرى زىيانغا ئۇچرىمىغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى ئىراق ئارمىيىسىگە ئۆزىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغان ئىراقلىقلار ئىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئامېرىكا ۋە ئىراق ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تەل ئافار شەھىرىدىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنى غەلىبىلىك باستۇرغانلىقىنى مەدھىيىلەپ، بۇ شەھەرنى ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە قارشى غەلبىسىنىڭ بىر سىمۋولى قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 4 كىشى ئۆلگەن.
بۇ ئارىدا يەكشەنبە كۈنى باغدادنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان بىر يېزىدا باشلىرى كېسىلگەن 30 دىن ئارتۇق جەسەت تېپىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۈننىيلەرگە ئائىت بولۇپ، ئۇلار رادىكال شىئەلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يەكشەنبە كۈنى شۇنداقلا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ۋە ئىراق ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تازىلاش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 17 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن شىئەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ بىر شىيە مەسچىتى يېنىدىكى بىر شىيە پارتىيىسى ئىدارىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان شىئە پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. (قانات)
