ئىراقلىقلار تەرىپىدىن 3 ئايغا يېقىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىر Jill Caroll بۈگۈن قويۇپ بېرىلدى. Caroll ئىراقتىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ، ھېچقانداق تەھدىتكە يولۇقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
Caroll بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، 2 - ئاينىڭ باشلىرى گۆرۈگە ئالغۇچىلار تەرىپىدىن ئېلىنغان بىر سىنئالغۇ لېنتىسىدا گۆرۈگە ئالغۇچىلار ، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قۇرغان قاماقخانىلىرىدا قامالغان بارلىق ئايال مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلمىسە، Caroll نىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشلار جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، مۇخبىرلار ۋە باشقا خادىملار، ئىراق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ گۆرۈگە ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسا ، يەنە بىر قىسىملىرى ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ قېتىم 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت گۆرۈگە ئېلىنغان ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ساق - سالامەت قويۇپ بېرىلىشى، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلغان ئامېرىكىلىقلارنى سۆيۈندۈردى. (ئەقىدە)
