ئىراق باش مىنىستىرى جاففارى ئىستىپا بېرىشنى رەت قىلدى

ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل-جاففارى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ چاقىرىقىغا قارىماستىن، ئىراقنىڭ كېلەر قېتىملىق ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلدى.

جاففارى ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراق پارلامېنتىدا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن شىئە مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنى باش مىنىستىرلىققا كاندىدات بولۇشقا سايلاپ چىققانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ چوقۇم ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر "دېموكراتىك جەريان" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاففارى ھازىرغىچە ئاز سانلىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاففارى يەنە ئىراقتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بارغانسېرى قوللاشتىن چۈشۈپ قالماقتا. ھازىر جاففارىنىڭ كاندىدات سالاھىيىتى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپ بولماقتا.

بۇ ئارىدا ئىراقنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئادىل ئابدۇل ماخدى ھازىر ئىراقتا باش مىنىستىر جاففارىنى قوللايدىغانلار سانىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەمدى تەختتىن چۈشۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. جاففارى، ئىراقتىكى شىئە خەلق ئەسكىرى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقلا كىشىلەر بۇ قوراللىق قىسىمنى ئىراقتا مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ماجراغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەيدۇ. (پەرىدە)