ئىراق پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ مەزھەپلەردىن بولغان شىيە مەزھىپى، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئىراق مىنىستىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىراق پارلامىنتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سايلامغا 4 ئاي توشقان بولۇپ، بىراق ھازىرغا قەدەر يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ، بۇ دەل ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەزىيىىتىنىڭ تىنجىماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
ب ب س خەۋەر ئاگېنلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئىراق مىنىستىرى ئەل جەففەرى خېلى بۇرۇنلا شىيە مەزھىپىدىن قايتا مىنىستىر سايلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئەل جەففەرى، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلغۇچى ئاساسلىق كىشى بولۇپ، ئەمما كۈرتلەر، سۇنىيلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە تەرەپ، ئىراقتىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېزراق يېڭى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشىنى،ئىراق ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلماقتا. (ئەقىدە)
