ئىراق ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، باغداتتىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇمدا، ئاز دېگەندە 8 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 46 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى فەللۇجاھدىكى بىر ساقچى ئىدارىىسنىڭ سىرتىدا ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 20 ئادەم يارىلانغان ئىكەن. ئىراق ساقچى دائىرىلىرى يەنە ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى 34 ئادەمنىڭ جەسىدىنى تاپقان.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترى رامېسفېلد، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى قىسقارتىشتىن ئىلگىرى ، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتا يەنىلا بىر مەزگىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئىراقنىڭ باغدات، فەللۇجاھقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇملار داۋاملىق يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى. (ئەقىدە)
