باغداتتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 13 ئادەم قازا قىلدى

رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ، 18 ‏- ماي كۈنى باغداتتا يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 13 ئادەم قازا قىلغان. ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ساقچىلار بار بولۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر باغداتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر چارلاش ئەترىتىگە يېقىن جاينى پارتلاتقان، بىرلا ۋاقىتتا يەنە باغدات شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇس ئوققا تۇتۇلغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەسكىرىدىن بىرى باغداتنىڭ غەربىدىكى ئانبار ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشتا ئۆلگەن، مۇسۇل شەھىرىدىمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ دۈشمەن كۈچلىرىدىن 3 ى ئۆلگەن، توقۇنۇش جەريانىدا 10 نەپەر ئىراق پۇقراسى قازا قىلغان.

ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر تارقاق شەكىلدە ئىراقنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، پارتلىتىش ، گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ مەزكۈر ھۇجۇملىرى ئەڭ كۆپ ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.(ئەقىدە)