ئىراقتا يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىراقتكى توقۇنۇشلارنىڭ يەنە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراقتا قۇرۇلغان ۋە شىئەلەر، سۈننىيلەر ۋە كۈردلەردىن تەشكىل تاپقان يېڭى ھۆكۈمەتنى، ئۇرۇشتا يېڭى بىر باسقۇچ دەپ مەدھىيلىگەن ئىدى. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بىلىيەر بولسا، ئىراقتا تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇررۇش ئۈچۈن ھېچ بىر باھانە قالمىدى دەپ كۆرسەتكەن.
لېكىن ئىراقتا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرى بۇ دۆلەتتە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
سەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە پارتلاشلاردا، ئاز دېگەندە 22 كىشى ئۆلگەن. ئەمما ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئىراقنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى كۈچ ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىراقتا تىنچلىقىنى قايتىدىن ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ۋە ئىراق ئارمىيىسى باغداد، رامادى قاتارلىق ئىراقنىڭ بىرنەچچە شەھىرىدە بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا. (قانات)
