ئامېرىكا پرېزىدىنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى توني بلەيېر بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلەشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جورج بۇشنىڭ توني بلەيېر بىلەن بولغان ئۇچرۇشىشى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا ئىراق مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىۋى بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەتتا ئىككى رەھبەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگۈلەيدىغان ئامىللاردىن بىرى ئىكەن.
2003 - يىلى ئامېرىكا رەھەبەرلىك قىلىۋاتقان بىرلەشمە ئارمىيە ئىراققا ئەسكەر كىرگۈزگەندىن بېرى، ئىراقتا قارشىلىق كۆرسۈتكۈچى زوراۋان كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى بۈگۈنگە قەدەر توختىغىنى يوق ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا ئاز دىگەندە 132 مىڭ ئەسكىرى، ئەنگىلىيىنىڭ 8 مىڭ ئەسكىرى بار. بۇ ئەسكەرلەرنى ئىراقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش مەسىلىسى ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارار بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم ستراتىكىيىسى ھىسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)