دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 43 كىشى ئۆلگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا باغداتتىكى ئىراق ئارمىيىسىنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى بىر چارلاش ئەترىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، 12 كىشى ئۆلگەن.
قوراللىق كۈچلەرنىڭ باغداتتىكى ھۇجۇمى ئاساسلىقى خەلقلەر ئولتۇرىدىغان ئاپتوبۇسلار، ئىراق ساقچى ئورگانلىرى ۋە بىرلەشمە ئارمىيە ھەربىي ماشىنىلىرىنى نىشان قىلغان. بۇ يىل باشلىنىپ ھازىرغىچە بولغان 5 ئاينىڭ ئىچىدە ئىراقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ھۇجۇملاردا ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە پۇقرالىرىدىن بولۇپ 4 مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئۆلگەن.
بۇ ئارىدا دۈشەنبە كۈنى باغداتتا سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر شىرىكى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت داۋام قىلىپ، ئاقلىغۇچى تەرەپتىن 8 نەپەر شاھىت گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى 1982- يىلىدا 148 شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۈستىدىكى سوت سەيشەنبە يەنە داۋام قىلماقچى.
بۇنىڭدىن 7 ئاي ئاۋال سادام ھۈسەيىننىڭ سوتى باشلانغاندىن بۇيان، سادامنىڭ ئىككى نەپەر ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى سادامنى دۇجائىل قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سادىر قىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. (پەرىدە)