ئەل زەرقاۋىنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى خۇش قىلدى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 8 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ : " ئەل زەرقاۋىنىڭ ئۆلگەن كۈنى ، ئىراق خەلقى ئۈچۈن بىر قۇتلۇق كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىراقتا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، بىراق بۇ ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قەددىنى كۆتەردى" دېدى .

بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى توني بلەيېر شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ھەمدە ئىراقتىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىگە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان پرىزىدېنتى كارزاي": ئەل زەرقاۋىنىڭ ئۆلۈمى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تېررورلۇق تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى، ئۇ يەنە، ئەل زەرقاۋى بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچىلارنى ئەيىبلەپ، " بۇ تېررورچىلار، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇنا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك " دېدى. (ئەقىدە)