ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل ئاماراھ شەھىرىدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئىسيانچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بەش ئىراقلىق ئۆلگەن.
بۇ توقۇنۇش يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ئەل ئاماراھ شەھىرىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىسيانچىلار تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان ئىكەن. بۇ ئىراقتىكى تېررورچىلار باشلىقى زەرقاۋى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى، بىر قېتىملىق توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، زەرقاۋىي چارشەنبە كۈنى باغدادنىڭ شىمالىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆتۈرلىشىدىن ئافغانىستان دائىرىلىرىمۇ خوشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەتتا ئىران دائىرىلىرىمۇ زەرقاۋىنىڭ ئۆلۈمىنى خۇش خەۋەر دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە زەرقاۋىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئىراقتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە زەرقاۋىنىڭ باشلامچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇزۇندىن بۇيان ئىراقتا بۇنداق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار داۋاملىشىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققان ئىدى. (ئۈمىدۋار)