ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئەبۇ مۇساب ئەلزەرقاۋىينىڭ ئورنىغا ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىر ئىسىملىك بىر مىلىتاننىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىرنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق مەلۇم ئەمەس، ئەمما پۈتۈن مىلىتانلارغا ئوخشاش يالغان ئىسىم ئىشلەتكەن بۇ كىشىنىڭ ئەلمۇھاجىر فامىل ئىسىمىنى ئىشلەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىراقلىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىراقلىق بولمىغان بىر كىشىنىڭ ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلىنىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنىلا باشقا بىر دۆلەتتىن كەلگەن بىر ئەرەبنىڭ كونتروللۇقىدا قالغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراقتىكى يەرلىك قارشىلاشقۇچى كۈچلەر بىلەن ئەلزەرقاۋىي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلسىدە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئىراق ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ ئىختىلاپلاردىن پايدىلىنىشقا تىرىشقان.
سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىرنىڭ ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلىنىشى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەلزەرقاۋىينىڭ توقۇنۇشلارنى ئىراق چېگرىسى سىرتىغا توشۇپ چىقىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرستىدىكەن. (قانات)