دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتقا يېقىن ماھمۇدىيە شەھىرىنىڭ بىر بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 50 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ۋە 90 كىشى يارىلانغان.
ماھمۇدىيىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر توپ قوراللىق كىشىلەر مەزكۇر بازارغا كېلىپ، بازاردىكى كىشىلەرگە ئوق چىقارغان. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم ھازىرغىچە ئىراقتا ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن بىر ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.
لېكىن ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، بىر توپ قوراللىق كىشلەرنىڭ كۈندۈزى شەھەرگە كىرىپ بازاردىكى خەلققە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى رەت قىلغان. ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ، ئىككى ماشىنىدا پارتلىغان بومبا نەتىجىسىدە 42 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدرۈمەكتە.
بىراق، ۋەقە شاھىتلىرى بىر توپ قوراللىق كىشىلەرنىڭ بازارغا كېلىپ، خەلقنى ئوق يامغۇرىغا تۇتۇپ، دۇكانلارغا ۋە ئەتراپدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ، كۆيدۈرگەنلىكىنى بىلدرۈمەكتە.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ماھمۇدىيە شەھەر باشلىقى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ شىيە مىلىتانتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما يەنە بىر ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ھۇجۇمنىڭ سۇننىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى ۋەقە، ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (قانات)
