ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقىنىڭ ئىراق ساقچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، باغداتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 45 ئادەم يارىلانغان.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ھەر قايسى دىنىي مەزھەپلەر جايلاشقان سودا رايونىدا يۈز بەرگەن مەزكۈر پارتلاشلار ماشىنىغا قاچىلانغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئوقى پارتلاش نەتىجىسىدىن كېلىپ چىققان.
گەرچە ھەرقايسى دىنىي مەزھەپلەر يىغىلغان بۇ سودا رايونى، ئەسلىدە شىيە گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، باغدات شەھىرىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىخەتەر جايلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئىراقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى جايلىرىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بۇ پەيتتە، ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. مالىكى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش بىلەن توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىر پارچە پىلانغا قول قويدى.
جورج بۇش بىلەن مالىكى بىرلىكتە قول قويغان مەزكۈر پىلان، ئىراقنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىر قىسمىنى باغداتقا يۆتكەپ كېلىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەد قىلغان.
ئىراقتا، ھەرقايسى دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىگە قارشى گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، بىگۇنا خەلقىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا. (ئەقىدە)
