ئىراقتا يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتلاشتا 50 ئادەم ھاياتدىئىن ئايرىلغان. پارتلاش باغداتتىكى ئەڭ ئاۋات سودا بازىرى ۋە ساقچى ، ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن.
ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، باغداتتىكى شۇرجا بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 24 ئادەم ئۆلگەن، 35 ئادەم يارىلانغان. يەنە بىر پارتلاش ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر ۋە ساقچى قوبۇل قىلىش مەركىزىدە مەيدانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنى ئەسكەر ساقچى بولۇشقا تىزىملىتىۋاتقان 12 ئادەم قازا قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەڭ ئالى دەرىجىلىك گېنېرالى، كاسەي نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، ئىراق يەنە 12 ئايدىن 18 ئايغىچە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىكەن. ئۇ چاغدا بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ياردىمى كېرەك ئەمەس ئىكەن.
بىراق ، باغدات شەھەر ئاھالىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق قىسىملىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2003 - يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان، بىرلەشمە ئارمىيە ئىراققا كىرگەندىن بۇيان، باغدات شەھىرىدە ھەر خىل ھۇجۇملار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 2005 - يىلى 2 - ئايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خارەكتېرلىك پارتلاشتا 125 ئادەم قازا قىلغان ئىدى. (ئەقىدە)