ئىراقتا ئۇرۇش سەۋەپىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 665 مىڭغا يەتكەن


2006.10.11

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى قاسىم ئابدۇللا، لي كېىسلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتا 9 ‏- ئاي ئىچىدە دىنى مەزھەپلەر ئارا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا 2660 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېنىقلىشىچە، مۇشۇ ئايدا باشقا ئايلارغا قارىغاندا 400 نەپەر ئادەم ئارتۇق ئۆلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇرۇشتا 30 مىڭ ئادەم ئۆلدى، دەپ تەخمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئېنىقلانغان سان 665 مىڭغا يەتكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.