ئىراقتا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشمەك
2006.10.16
ئىراقتا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، سۇننىي ۋە شىيەلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىنتىقام ئېلىش ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈۋاتقان ئىراقلىقلارنىڭ سانى ھەمدە ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە.
جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان بالاد شەھىرىدە كاللىسى كېسىلگەن 17 نەپەر شىيە ئىشچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، رايوندا شىيەلەر بىلەن سۇننىيلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 91 كىشى ئۆلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى شىيەلەردىن تەشكىل تاپقان بالاد شەھىرىدە شىيەلەر يوللار ئۈستىگە تەكشۈرۈش پۇنكىتلىرى قۇرۇپ، قولغا چۈشكەن سۈننىيلەرنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان. ئىراق ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يا ئاجىز قالماقتا ياكى سۇننىيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى خالىمايۋاتىدۇ.
بۇ ئارىدا، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۆلۈۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. دۈشەنبە كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا 7 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىيىدا ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى 57 كىشىگە يەتكەن.
ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنىڭ باش مىنستىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى جەريانىدا، مەۋجۇت ئىراق ھۆكۈمىتى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىراق باش مىنىستىرىغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى توختىتىشى مۇمكىن، دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا ئۇرۇش سەۋەپىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 665 مىڭغا يەتكەن
- ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رايىس كۇردىستاننى زىيارەت قىلدى
- ئىراقتا زوراۋانلىق كۈچەيگەن بىر پەيتتە كوندىلىزا رايىس باغداتقا يېتىپ باردى
- باغداتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 60 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى
- ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 50 ئادەم قازا قىلدى