جورج بۇش، ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2006.10.19

ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، چارشەنبە كۈنى ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئېتىراپ قىلدى.

نيويۇرك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى توماس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئىراقتا يېقىندىن بېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى " يېڭى يىل ھۇجۇمى" بىلەن سېلىشتۇردى.

" يېڭى يىل ھۇجۇمى" شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىللە 1968 ‏- يىلىنىڭ باشلىرى،ۋېتنام ھەربىي قىسىملىرىغا قوزغىغان زور ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ، گەرچە تارىخچىلار بۇ ھەرىكەتنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈچۈن چوڭ بىر ھەربىي يېڭىلىش دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا خەلقنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرگەن دېيىشىدۇ .

ئىراقتا ھەر كۈنى دېگۈدەك پارتلىتىش ھۇجۇملىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناسى، ئۆزىنى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. . رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا ئاز دېگەندە 31 ئادەم قازا قىلغان.

بۇ ئارىدا يەنە ، باغداتتا ئىككى نەپەر ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.