ئىراقتا بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 گە يەتتى


2006.10.26

ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، 5 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئەمبەر ۋىلايىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 يەتكەن.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى چارشەنبە كۈنى، ئىراق بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەريانىدا بىر كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى شىلا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بولسا ، گۇمانلىق دەپ قارالغان ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇرۇھىنىڭ 11 ئەزاسى قولغا ئېلىنغان.

ئۈچىنچى قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ، ئىراق قىسىملىرى ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە باغداتنىڭ قەنداھار رايونىدا ھۇجۇم قوزغاپ، 10 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئۆلتۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەنداھار رايونىدا ئامېرىكىغا قارشى رادىكال شىيەلەرنىڭ رەھبىرى مۇقتىدا ئەلسادىر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇھ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم جەريانىدا ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.