باغداتتا زەنجىرسىمان پارتلاشلاردىن كېيىن جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى
2006.11.24
ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىدىكى شىئەلەر رايونى سادىر شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەلىرى ۋە شىئە مىلىتانلىرىنىڭ سۈننىيلەرگە قارشى جۈمە كۈنى قوزغىغان ئۆز ئېلىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئىراق ھۆكۈمىتى باغداتتا مۇددەتسىز جىددى ھالەت ئېلان قىلدى.
پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 200 ئادەم ئۆلگەن، 260 ئادەم يارىلانغان. بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسى 2003 -يىلى ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بېرى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باغداتنىڭ سادىر شەھىرى شىئەلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايون بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن باغداتتىكى سۈننىيلەر رايونى مىناميۇتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. دائىرىلەر باغدات ئايرودرومى بىلەن جەنۇبتىكى بەسرە ئايرودرومى ۋە دېڭىز پورتىنى تاقىغان.
مالىكى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشكە چاقىردى. ئۇ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار،" دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي، ۋەقەنى "قىپيالىڭاچ زوراۋانلىق قىلمىشى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق" ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىدى.
پەيشەنبە كۈنكى پارتلاش ۋەقەلىرىدىن كېيىن شىئە مىلىتانلار جۈمە كۈنى باغداتتىكى سۈننىيلەر رايونىدا 4 مەسچىتكە ئوت قويۇۋەتتى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئاز دېگەندە 24 ئادەم ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئىراق پارلامېنتىدىكى بەزى شىئەلەر، ئەگەر باش مىنىستىر مالىكى كېلەر ھەپتە ئىئوردانىيىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشسە، مۇقتەدا ئەل سادىرنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 گە يەتتى
- جورج بۇش، ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ئىراقتا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشمەك
- ئىراقتا ئۇرۇش سەۋەپىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 665 مىڭغا يەتكەن
- ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رايىس كۇردىستاننى زىيارەت قىلدى