پرىزىدېنت بۇش ئىراق باش مىنىستىرى نورىي مالىكىنى تەرىپلىدى
2006.11.30
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، ئىراق باش مىنىستىرى نۇرىي مالىكىغا "كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە دۆلەت رەھبىرى" دەپ نام بېرىش بىلەن بىرگە " نۇرىي مالىكى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئىراقنىڭ ئىستىقبالىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ" دېدى.
پرىزىدېنت جورج بۇش، پەيشەنبە كۈنى ئىئوردانىيىنىڭ پايتەختى ئامماندا نۇرىي مالىكى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ": ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى قوشۇلسىلا، ئامېرىكا قىسىملىرى، ۋەزىپە ئورۇنلانمىغىچە ، ئىراقتىن ئايرىلمايدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. پرىزىدېنت بۇش يەنە، مالىكىنىڭ قاراشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىمى، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، قانداق قىلغاندا ، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تېز ئارىدا ئىراق قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرلەشتى. نۇرىي مالىكى، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سۈرىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئۇ پەقەت ئىراقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باغداتتا زەنجىرسىمان پارتلاشلاردىن كېيىن جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى
- ئىراقتا بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 گە يەتتى
- جورج بۇش، ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ئىراقتا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشمەك
- ئىراقتا ئۇرۇش سەۋەپىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 665 مىڭغا يەتكەن