ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە مەخسۇس تۈردە ئاق سارايغا تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، شەنبە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ تەكلىپنىڭ مەزمۇنلىرىنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغان.
دونالد رامسفېلد، بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئەرباب بولۇپ، ئۇ ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك شەخس. رامسفېلد ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تېز ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازلىتىشنى ھەمدە ئىراقنىڭ توپىلاڭ يۈز بېرىۋاتقان رايونلىرىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشلىرىغا ياردەم بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇنىڭ ئىستىپاسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا پارلامېنت سايلىمىنىدا دېموكراتلار غەلىبە قىلغان پەيتتە ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. نوۋەتتە، ئىراق پىلانىنى تەرتىپكە سېلىش ئامېرىكا سىياسەت قاتلىمىدىكى مۇھىم خىزمەت بولماقتا. (ئۈمىدۋار)