كوفى ئاننان: ئىراق ۋەزىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتىنمۇ " بەتتەر"
2006.12.04
مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتىنمۇ "بەتتەر " دەپ كۆرسەتتى.
كوفى ئاننان، دۈشەنبە كۈنى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتە ئىراقتىكى ئاۋام خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ساددام ھۆسەيىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگىمۇ يەتمەيدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئىراق ۋەزىيىتى "ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا" . ئۇ، ئىراقتىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ تەقدىرىدىن ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كوفى ئاننان بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئىراقتىكى ۋەزىيەت ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشمۇ ياكى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشمۇ، دېگەن سۇئالنى تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.
لېكىن پرېزىدېنت بۇش، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ " ئىچكى ئۇرۇش" ئىكەنلىكىنى قەتئىي رەت قىلماقتا. پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىراقتىن ۋاقىتسىز قوشۇن چېكىندۈرۈش رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
كوفى ئاننان، نۆۋەتتىكى ئىراق ۋەزىيىتىنى ساددام ھۈسەيىن دەۋرىگە سېلىشتۇرۇپ، " دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە كىشىلەر بولمىدى دېگەندە كوچىغا چىقالايتتى. باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشتىن قورقمايتتى" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئوتتۇرىغا
- پرىزىدېنت بۇش ئىراق باش مىنىستىرى نورىي مالىكىنى تەرىپلىدى
- باغداتتا زەنجىرسىمان پارتلاشلاردىن كېيىن جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى
- ئىراقتا بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 گە يەتتى
- جورج بۇش، ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى