باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق بارتىلاشتا 57 ئادەم ئۆلدى


2006.12.12

سەيشەنبە كۈنى باغداتتىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12 ‏- دىكابىر كۈنى باغدادتا ئىككى دانە ماشىنا پارتلىغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىلاش ۋەقەسىدە، 57 ئادەم ئۆلگەن ۋە 140 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

باغداتتىن بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى ماشىنا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پارتلىغان بولۇپ، پارتىلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئارىلىقى 30 مېتىر ئەتراپىدا بولغان. لېكىن بۇ ئىككى ماشىنا پارتىلاش بىلەن تەڭ، ئەتراپتىكى 10دىن ئارتۇق ماشىنىغا ئارقا-ئارقىدىن ئوت كەتكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پارتىلاش ۋەقەسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتىلاش بولۇپ، بىرى ئىراق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يەنە بىرى ھەرقايسى دۆلەتلەر كونسۇلخانىسى جايلاشقان يەردە يۈز بەرگەن. پارتىلاش ۋەقەسىدە يارىلانغانلار ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.