ئامېرىكا ئىراقتا يەنە ئەسكەر كۆپەيتمەكچى


2007.01.07

بۈگۈن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراققا يەنە يىگىرمە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتمەكچى ئىكەن. بۇش ھۆكۈمىتى ئىراققا قاراتقان ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بويىچە ئىراققا كىرگۈزىدىغان ئەسكەرنى كۆپەيتىشى بىلەن بىرگە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللار مەبلەغ سېلىپ ئىراقتا خەلققە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ ئىپادىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى بۇ بىر مىليارد دوللارنى ئىراقنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىراقلىقلارنىڭ مەكتەپلەرنى رېمونت قىلىش ھەمدە ۋەيران بولغان كوچىلارنى تازىلاش ھەمدە رەتكە سېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى بۇشنىڭ بىر يېرىم ئاي ئىچىدە ئىراققا ئۈچ قېتىم ئەسكەر كىرگۈزىشىگە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتا ئەسكەر كۆپەيتىشىگە نىسبەتەن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى يەنىلا، بۇنىڭ ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىكەن.

بۇش ئەزالىغىدىكى ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدە ئۆتكەن يىلى -11 ئايدا ئېلىپ بارغان سايلامدىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىنى "بۇ بىر خاتالىق" دەپ تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخباراتنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە يەنە 14 ئادەم پارتىلاشلاردا ئۆلگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.