ئۇچۇر ۋاستىلىرى جورجى بۇش ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئىراق سىياسىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى
2007.01.10
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 10 - يانىۋار كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 9 دا نۇتۇق سۆزلەپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىراق سىياسىتىنى جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن ئەتىگەندىلا ھەر ئامال قىلىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.
ۋاشىنگتون پوست گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقىنىڭ خادىملىرى ئىراققا يەنە 20 نەچچە مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى 30 كۈن ئىچىدە ئىراققا كىرىپ بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى ئەزاسى كېننىدى ئەپەندى جورجى بۇشنىڭ ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى ئەڭ چوڭ خاتالىق، دەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia