16 - يانۋار كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2006 - يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 - يىلى، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن پۇقرالار سانى 34 مىڭدىن ئاشقان. ئورتا ھېسابتا، كۈنىگە 94 ئادەم ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى گىئاننى ماگاززەنى نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى قانلىق ۋەقەلەردە يارىلانغان پۇقرالارنىڭ سانى 36 مىڭدىن ئاشقان.
گىئاننى ماگاززەنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇلتۇر 11 - ۋە 12 - ئاينىڭ ئۆزىدىلا 6400 گە يېقىن ئىراق پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 5000 گە يېقىنى باغدات شەھىرىدە ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر باغداتتىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە بولۇپ، كىملىكى ئېنىق بولمىغان جەسەتلەر سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بۈگۈنكى كۈننىڭ ئۆزىدە، باغدات شەھەر مەركىزىدە، ئىككى قېتىم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ئۆلۈپ، 17 ئادەم يارىلانغان. (مېھرىبان)