ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق كۈچەيمەكتە، پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 5 قېتىملىق ماشىنا پارتلاش ۋەقەسىدە 19 ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭدىن سىرت باغداتنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقى رايونلىرىدا ئىككى قېتىم ھەمدە دورا بازىرىدا 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىيە مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان سادىر شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 70 نەچچە ئادەم يارىلانغان. سەيشەنبە كۈنى باغدات ئەتراپىدىكى رايونلاردا جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىراق ئۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2006 - يىلى ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن پۇقرالار سانىنىڭ 34 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. ئەمما بۇ دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىدى.
بۇ ئارىدا ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىكى، سۇننىي قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرى بىلەن شىيە مىلىتانلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ھەرقانداق بىر سىياسىي ئۆكتىچىنىڭ، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)