ئىراقتىكى پارتلاشلاردا 100 گە يېقىن كىشى ئۆلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن، ئىراققا يەننە 21 مىڭ 500 يۈز ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە، دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىدە 100 گە يېقىن ئادەم ئۆلدى ۋە 200 ئەتراپىدا كىشى يارىلاندى.

دۈشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ قانلىق ۋەقە باغداتنىڭ ئاۋات بازارلىرىنىڭ بېرى ھېسابلانغان باب- ئەلشارجى بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بومبا قاچىلانغان ئىككى ماشىنىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پارتلىشى نەتىجىسىدە 88 كىشى ئۆلگەن ۋە 150دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى ھۇجۇملاردا ئاساسەن باغدات شەھىرى ۋە بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى شىيە رايونلىرى نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۇننىي قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇنداقلا يەكشەنبە كۈنى ئىراقتا ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاي ئىچىدە ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 47 گە يەتتى.

بۇ ئارىدا، ئەلقائىدە تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ئانبار ئۆلكىسىدە چۈشۈرۈلگەن ھەربىي تكئۇچارنىڭ، مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە تىكئۇچاردىكى 12 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن ئىدى. (قانات)