باغدادتا بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئىراق ساقچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە كۈنى باغدادتا ئىراق سانائەت مىنىستىرى، ئۇنىڭ قىزى ۋە شوپۇرى ھەم قوغدىغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەم نامەلۇم قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ يېڭى ئىراق ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيانقى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋامى ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەنبە كۈنى باغدادتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى رايونىدا بومبا قاچىلىغان ماشىنا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا قوشۇنلىرىمۇ باغدادنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم جايلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ 14 نەپەر قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يەتتە نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ مىنا پارتلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مۇشۇ بىر ئايدىن بۇيان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىكى ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى كۆپىيىپ كەتكەن.

شەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسىگە بىنائەن يەنە 20 مىڭ ئەسكەر ئىراققا ئەۋەتىلىش قارار قىلىنغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)