ئىراقتىكى جەڭدە 200 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جەڭچى ئۆلتۈرۈلدى


2007.01.29

دۈشەنبە كۈنى ئىراق مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەت ئەلئەسكەرى، ئىراقنىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان نەجەف شەھىرى يېقىنىدا ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن" جەننەتنىڭ ئەسكەرلىرى" ناملىق قوراللىق بىر شىئە تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشلاردا 200 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھەمدە 120 سىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلئەسكەرىنىڭ باياناتىدىن بۇرۇن، نەجەفدىكى ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەكشبەنبە كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 300 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەلئەسكەرى، توقۇنۇشلاردا ئىراق ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھەرخىل تېپتىكى 500 دىن ئارتۇق قورال، ئېغىر ئاپتۇماتلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ماشىنا ۋە ناھايىتى مۇھىم ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، توقۇنۇشلاردا ئۈچ ئىراق ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە ئۈچ ئەسكەر يارىلانغان. شۇنداقلا بۇ توقۇنۇشلار جەريانىدا ئىراق ھەربىي قىسىملىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئامېرىكا ھەربىي تىك ئۇچارىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن.

ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "جەننەتنىڭ ئەسكەرلىرى" ناملىق شىئە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى، يەكشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشلار جەريانىدا ئۆلگەنلار ئارىسىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئىچىدە سۈننىي مىلىتانتلارمۇ بار بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى ئىراقتا يەنە توقۇنۇشلار ۋە پارتلاشلار داۋاملاشقان بولۇپ، ئاز دېگەندە 36 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.