ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قارشىلىق كۆرسۈەتكۈچى كۈچلىرىدىن 4 نى يوقاتتى


2007.02.01

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چارشەنبە كۈنى كەچتە بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن 4 نى يوقاتقانلىقىنى ۋە 29 نى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقتىكى بىر ھەربىي قوماندان: "بۇ 4 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، يول ئۈستىگە پارتلاتقۇچ كۆمۈۋاتقاندا بايقالغان، ئەگەر ئۇلارغا ۋاقتىدا زەربە بېرىلمىگەن بولسا يەنە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ بىھۇدە ئۆلىمى مەيدانغا كەلگەن بولاتتى" دىگەن. پۈتۈن ئىراق بويىچە 1‏- ئاي ئىچىدىلا يۈز بەرگەن مەزھەپلەر ئارسىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا، 2 مىڭ نەپەر بىگۇناھ ئىراق خەلقى قازا قىلغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، ئامېرىكا ئەسكەرلىدىن 4 ئىنىڭ باغدات ۋە ئەمبار ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار جەريانىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلاردىن سىرت چارشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەركەتلىرى داۋامىدا 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، باغداتتىكى شىيە مۇسۇلمانلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ماشىنا پارتىلتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە 6 ئادەم ئۆلگەن.، باغداتتىكى سۇنىي مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان رايوندا بولسا مىنامۇت پارتىلتىش ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن.

ئىراق ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە يالغۇز باغداتنىڭ ۋەزىيىتىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.