ئىراقتىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە
2007.02.04
ئىراقتىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى باغدادتا 2003-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئەغىر بىر قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە 130 ئادەم ئۆلگەن، يەكشەنبە كۈنى باغدادتا يەنە پارتلاش ھەم توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 13 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
شەنبە كۈنى باغدادنىڭ سادىر رايونىدىكى شىئەلەر مەھەللىسىدە ماشىنا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ پارتلاشتا بىر قانچە بىنا ۋەيران بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ھەپتىلەردىن بۇيان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭمۇ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە تۆت دانە تىك ئۇچار ئايروپلاننىڭ ۋەيران بولغانلىقى، بۇ ئايروپلانلارنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئارمىيىسى تىك ئۇچار ئايروپلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ جەڭ قىلىشتا قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپلانلىرى ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئىزچىل، سادىر قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ قالغان. (ئۈمىدۋار)