باغداتتىكى بىر ئىنستىتۇت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە 15 ئۆلدى


2007-02-13
Share

ئېراق ساقچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى، باغداتتىكى بىر ئىنستىتۇت ئەتراپىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ مەزكۇر ۋەقەدە 15 ئادەم ئۆلدى ۋە 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

باغدات ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىكى مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسى باغدات شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئىسكان رايونىغا جايلاشقان ئىقتىساد ئىنستىتۇتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى دۈشەنبە كۈنىمۇ، باغداتتىكى شىئىئەلەر ئورۇنلاشقان رايوندا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەمدە 87 ئادەم ئۆلگەن ۋە 165 ئادەم يارىلانغان. مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىڭلىغان ئىراق ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلاندى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.