ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى باغداتتا تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
2007.02.15
ئىراق قىسىملىرى، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا، پايتەخت باغدات ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا بىرلەشمە تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىراق قىسىملىرى، پەيشەنبە كۈنى باغداتقا تەۋە 4 رايونغا كىرگەن. بۇ رايونلاردا سۇننىي ۋە شىيە مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەزكۈر ھەرىكەتتە ئامېرىكا ۋە ئىراق ئەسكەرلىرى، بىر قىسىم قورال ۋە پارتلاتقۇچ بومبىلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، سۈننىي مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بىر قاتار ماشىنا پارتلىتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
بۇ ئارىدا، ئەنگىلىيە قىسىملىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى باسرا شەھىرىنى قامال قىلغان شۇنىڭدەك يەنە، قوراللىق كۈچلەرنىڭ قورال يۆتكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى تاقىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېرىلگەن خەۋەرلەردە، شىيە مىلىتانلىرىنىڭ رەھبىرى مۇختىدا ئەل سادىرنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ ئىرانغا يوشۇرۇنغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق ئىراقتىكى بىر قىسىم دائىرىلەر، ئەل سادىرنىڭ يەنىلا ئىراقتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەل سادىرنى ھىمايە قىلغۇچىلار بولسا، ئۇنىڭ ئىراقتىن ئايرىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ۋە جىددىي يوسۇندا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۋاتقانلىقىنى شۇڭا مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ ھەققىدە خەۋەر بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)