ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بېلايىر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بېلايىر 21 ‏- فېۋرال كۈنى، ئەنگىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئىراقنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن زور تۈركۈملەپ ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ۋاقتىنى ئېلان قىلغان.

بېلايىر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دەسلەپتە ئىراقتا ئەنگىلىيىنىڭ 40 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى، كېيىن قىسقارتىلىپ 5500 ى قالغان، بۈگۈن كەچتە 500 نەپەر ئەسكەر چېكىندۈرۈلگەن، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يەنە 1600 ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇيىل 8 ‏- ئايدا بارلىق ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ئىراقتىن چېكىندۈرۈلۈپ بولغاندا، دانىيىنىڭ 460 كىشىلىك قوشۇنى داۋاملىق ئىراقتا قېلىپ تىنچلىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بەزى مۇلاھىزىچىلەر ھازىر ئەنگىلىيە باش مىنىسىترى تونى بېلايىرنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانى دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراققا يەنە 20 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندا جاكارلانغانلىقىغا قاراپ، ئىختىلاب پەيدا بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)