شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج سەپىرىدە پارتلاش ۋەقەلىرى كەينى -كەينىدىن يۈز بەرمەكتە


2007.03.07

ھازىر شىئە مۇسۇلمانلىرى باغدات شەھىرىنىڭ 110 كىلومىتېر جەنۇبىدىكى كەربالاغا ھەج قىلىش ئۈچۈن توپلىنىۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 ‏-مارت كۈنى ئار بەين مۇراسىمى ئۈچۈن توپلانغان شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىغا، بەدىنىگە بومبا تېڭىپ كىرگەن ئىككى كىشى پارتلاپ كېتىپ 90 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە 150 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يارىدارلار ھېراھتىكى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچىمۇ، باغداتنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، جەدىريان كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ كەربالاغا قاراپ يالاڭئاياق كېتىۋاتقان شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۇچتۇمتۇت ئوققا تۇتىدىغان ۋەقەلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بەرمەكتە.

مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان چوڭ بايرىمى ئاربەين ياكى ئاشۇرا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بايرام مىلادى 681‏- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين ئەل ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب ھۆكۈمرانى يازىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيتىدىن شەكىللەنگەن. شىئە مۇسۇلمانلىرى بۇ ۋەقەنى 40 كۈن خاتىرىلەيدۇ. خاتىرىلەش ئاخىرلاشقان كۈنى ئاربەين بايرىمى بولۇدۇ. بۇ بايرام شىئەلەر ئۈچۈن خۇددى سۈننىيلەرنىڭ ھەج قىلغىنىغا ئوخشاش مۇقەددەس. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.