ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار يەنىلا داۋاملاشماقتا


2007.03.24

شەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى ساقچى خادىمى 60 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.

ئەڭ قانلىق ھۇجۇم ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ دورا رايونىدىكى ساقچى ئىدرائىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەردى. بىر كىشىنىڭ پارتلاتقۇچ دورىسى قاچىلانغان بىر يۈك ماشىنىسىنى پارتىلىتىشى نەتىجىسىدە 20 كىشى ئۆلگەن. ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ 14 ي ساقچى ۋە 6 سى بىنادا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئىكەن.

بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى مىڭلىغان ئامېرىكا ۋە ئىراق ھەربىي قىسىملىرى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن باغداد شەھىرى ۋە ئەتراپىدا تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. گەرچە بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئىراقتىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار يەنىلا داۋاملاشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدا ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان قارشىلىق كۈنسېرى كۈچىيۋاتقان بىر مەزگىلدە، پرېزىدېنت بۇش ئىراققا يەنە 30000 ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئاساسەن باغداد ۋە ئەتراپىنى قارشىلاشقۇچى كۈچلەردىن تازىلاش ۋە رايوندا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىدىكەن.

ئەمما دېموكرات پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۈمە كۈنى 2008‏- يىلى 1‏-سىنتەبىر كۈنىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ئىراقتىن چىكىندۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.