باغداتتىكى پارتلاشلار داۋاملاشماقتا


2007.04.15

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باغداتتىكى پارتلاشلار نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۆلۈم -يېتىم ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. يەكشەنبە كۈنى باغداتتىكى شىئەلەر رايونىدا بىر قانچە قېتىملىق پارتلىغان بومبا زەربىسىدىن كەم دېگەندە 32 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شۇ كۈنى باغدادنىڭ جەنۇبىدا ماشىنا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن، 50 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان، ئارقىدىنلا باغداد شەھىرىدىكى شىئەلەر مەھەللىسىدە قاتنايدىغان بىر ئاپتوبۇس پارتلاپ، 11 ئادەم ئۆلگەن، يەنە بىر ئاپتوبۇس پارلاپ، 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇ ۋەقەلەردىن بىر كۈن ئىلگىرى كەربالادىكى ئىمام ھۈسەيىن مەسچىتى يېنىدا پارتلىغان بومبا زەربىسىدىن 40 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. شۇ كۈنى يەنە باغدادتىمۇ 10 ئادەم ئۆلگەن. قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى بازا تەشكىلات 20 نەچچە نەپەر ئىراق ھۆكۈمەت ساقچىسى ۋە ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان سۈننىيلەر قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەنگىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى باغدادنىڭ شىمالىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىپ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.