ئىراقتا ئىنسانپەرۋەلىك كىرىزىسى ئېغىرلاشماقتا


2007.04.25

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، ئىراقتا 2 ‏- ئايدا بىخەتەرلىك پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتلىتىش ۋەقەلىرى توختىمايلا قالماستىن، بەلكى ئاھالىلارنىڭ زەخمىنىلىش ھادىسىلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن جىنايەت گۇماندارى دەپ تۇتۇلغان 3000 ئادەمنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان؛ ئىراق دائىرىلىرى ھەتتا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋاقىت چەكلىمىسى بولماسلىق ھادىسىلىرى ئېغىر، دەپ كۆرسىتىلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، 2006 ‏- يىلى ئىچىدە 34 مىڭ 452 نەپەر دۆلەت پۇقراسى پارتلىتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 36 مىڭدىن كۆپ ئادەم يارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىراقتا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى تىز سۈرئەت بىلەن ئېغىرلاشماقتا.

ئىراقتا ھازىرغا قەدەر زوراۋانلىق ھادىسىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇرتنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئادەم سانى ئىككى مىليونغا يېتىدۇ، 4 مىليونغا يېقىن ئادەمگە يېمەكلىك يېتىشمەيدۇ. 54% ئىراقلىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتى 1 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۈۋەن ھالغا چۈشۈپ قالغان، 60% ئادەم ئىشسىز . ھازىرقى ئىراق ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلەر ۋە قانۇنغا پسەنت قىلمايدىغان مۇقىمسىزلىق ۋەزىيەتكىلا ئەمەس، بەلكى دىنىي رادىكال گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.